يانفون بىلەن ئايالىنىڭ ئاشنىدارچىلىقىنى ئىز قوغلىغان ئەر 15 يىل كېسىلىشى مۇمكىن

تەۋە تۈر : خەۋەر > خەلقئارا >       مەنبە : nur tori      يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-10 14:03:09

cnbeta تورى 10-سېنتەبر خەۋىرى:

ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىلىق بىر ئەر ئالما يانفونىدىكى «يانفوننى تېپىش» ئىقتىدارى بىلەن يۈتۈپ كەتكەن يانفونىنى تېپىۋالغان بولۇپ، ئويلىمىغان يەردىن ئايالىنىڭ ئاشنىدارچىلىق قىلغىنىنى بايقاپ قالغان. بىراق ئۇنى پالاكەت بېسىشى بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىغان. نۆۋەتتە ئۇ ئايالىنى نازارەت قىلغان دىگەن جىنايەت بىلەن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا دۇچ كەلگەن. ئەنگىلىيە «قۇياش گېزىتى» نىڭ 5-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 37 ياشلىق سىن دونىس مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىنتايىن ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىدىم. ھېچقانداق گۇناھ ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ئىككى قېتىم جازالاندىم.

ئالدىنقى يىلى 15-ئاپرېل، روكلانىد ناھىيىسىدىن كەلگەن سىن دونىس يانفوندا ئىككى بۆلەك قىسقا فىلىم تارتقان بولۇپ، ئايالى بىلەن ئاشنىسىنىڭ ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى سىنغا ئېلىۋالغان.

ئالدىنقى كۈنى، نانسىي ئېرىگە بەش ياشلىق بالىسىنى تاپشۇرۇپ قويۇپ، دوستلىرى بىلەن يېڭى جېرسېي ئىشتاتىدىكى ئېلزابىت شەھىرىدە يىغىلىشنى باھانە قىلىپ چىقىپ كەتكەن. كەچتە، سىن دونىس ئوغلىنىڭ iPadتىنى تاپالماي، «يانفوننى ئىزدەش» ئىقتىدارى ئارقىلىق ئۇ ئۈسكىنىنىڭ روكلانىد ئەتراپىدا ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئايالىغا گۇمانى قوزغىلىپ، يۇمشاق دېتالدىكى يىپ ئۇچى بىلەن ئايالىنى ئاشنىسىنى بىلەن تەڭ تۇتۇۋالغان.

كېيىن، 38 ياشلىق نانسىي ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئىككەيلەن ئاخىرى بۇ يىل ئىككىنچى ئايدا ئالتە يىللىق نىكاھ تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئاجراشقان. بىراق تاشلىۋېتىلگەن سىن دونىس 20-ئىيۇل سوتنىڭ چاقىرىقىنى تاپشۇرىۋالغان. ئەيىپنامىدە ئۇنى ئوغرىلىقچە تىڭشاش ۋە قانۇنسىز نازارەت قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىگەن.

ئۇ بارلىق ئەيىبلەشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن 20-سېنتەبىر يەنىلا سوتلىنىدىكەن.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • گۈمۈرۈلۈش خەۋپى بار تاشلىققا چىقىۋالغان قارام ساياھەتچىلەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يەر شارى تورىنىڭ بىر ھەپتىلىك نادىر سۈرەتلىك خەۋەرلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بىر يىگىت 20 مېتىر كېلىدىغان سۈرەتنى ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىغا ئېسىپ قويدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھۆسن تۈزىتىشكە خۇمار بولۇپ قالغان كرودىيەلىك ئەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تايلاندلىق «پۇلدار ئايال» دەردىنى ئېلىش ئۈچۈن 13 ئەر بىلەن توي قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۆلۈۋالغان ئادەمنىڭ يۈرىكى كۆچۈرۈلگەن ئادەم 12 يىلدىن كېيىن ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ئۆلۈۋالدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • زاماننىڭ 200 يىل ئالدىدا تۇرالىغان ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تايلاندلىق ئايال 2 يىلدا 8 ئەر بىلەن توي قىلىپ تويلۇقنى ئالداپ كەتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تاجىكىستان زۇڭتۇڭى ئىككى ياشنىڭ بېشىنى قوشۇپ قويدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015