يەر شارىدا 3 مىليون 500 مىڭ بالا ئوقۇشتىن مەھرۇم قالماقتا

تەۋە تۈر : خەۋەر > خەلقئارا >       مەنبە : nur tori      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-13 14:45:08

يەر شارى تورى خەۋىرى: 

فىرانسىيە «ئاخبارات ئاگېنتلىقى» نىڭ 12-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «يەر شارىدىكى يېرىمدىن كۆپرەك مۇساپىر بالا، يەنى تەخمىنەن 3 مىليون 500 مىڭ بالا ئوقۇشتىن مەھرۇم قالدى. بىز ھەر قايسى دۆلەتلەرنى مۇساپىر بالىلارغا تېخىمۇ پۇرسەت، تېخىمۇ مۇقىم مائارىپ مەبلىغى بېرىشكە مۇراجىئەت قىلىمىز». 

بۇ دوكلاتنىڭ تېمىسى: «قالاقلىق: مۇساپىرلار مائارىپى كىرىزىسى»كەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى ب  د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى قوبۇل قىلغان 5 ياشتىن 17 ياشقىچە 6 مىليون 400 مىڭ بالىنىڭ ئىچىدە 3 مىليون 500 مىڭ بالا بىر كۈنمۇ مەكتەپتە ئوقۇپ باقمىغانىكەن. 2016-يىلدىكى 3 مىليون 700 مىڭ بالىنىڭ مەكتەپ تەربىيەسى كۆرۈپ باقمىغانلىقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 2017-يىلى ئازراق ياخشىلىنىش بولغان، بىراق مۇساپىر بالىلارنىڭ مائارىپ مەسىلىسى ھېلىھەممۇ ناھايىتى كەسكىنكەن. 

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادىكى بالىلارنىڭ %91 باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيالايدىكەن، بىراق مۇساپىر بالىلارنىڭ ئىچىدە پەقەت %61 تىلا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيالايدىكەن، بۇ سان 2015-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %50 ئاشقان بولسىمۇ، شۇنداقلا دۇنيادىكى %84 ياش-ئۆسمۈرنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتى بولسىمۇ، ئەمما مۇساپىر بالىلارنىڭ ئىچىدە ئاران %23 تىلا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن. 

خەۋەردە دېيىلىشىچە، مۇساپىرلار مەھكىمىسى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇساپىرلار مائارىپىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشقا دەۋەت قىلغان ھەمدە بىر قىسىم دۆلەتلەرنى جىددىي باسقۇچتىن باشلاپ مەبلەغ بىلەن سىجىل تەمىنلەشكە ماقۇل قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مۇساپىر بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىدە ئازراق ياخشىلىنىش باركەن، بۇنىڭغا سۇرىيەگە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ مۇساپىر بالىلارنى قوبۇل قىلىشى، شۇنداقلا ياۋروپادىكى مۇساپىرلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشى ئاساسلىق تەسىر كۆرسىتىپتۇ. بىراق، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈچتىن بىر قىسىم مۇساپىر تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتتە ياشايدىكەن، ئۇلار ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى دۇنيانىڭ مائارىپ بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىدىن ئالتە ھەسسە تۆۋەنكەن. %28 مۇساپىرنى قوبۇل قىلغان تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرا تېخنىكومدا ئوقۇش پۇرسىتى بالىلارنىڭ نىسبىتى ئاران %9 كەن. 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • گۈمۈرۈلۈش خەۋپى بار تاشلىققا چىقىۋالغان قارام ساياھەتچىلەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يەر شارى تورىنىڭ بىر ھەپتىلىك نادىر سۈرەتلىك خەۋەرلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بىر يىگىت 20 مېتىر كېلىدىغان سۈرەتنى ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىغا ئېسىپ قويدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھۆسن تۈزىتىشكە خۇمار بولۇپ قالغان كرودىيەلىك ئەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تايلاندلىق «پۇلدار ئايال» دەردىنى ئېلىش ئۈچۈن 13 ئەر بىلەن توي قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۆلۈۋالغان ئادەمنىڭ يۈرىكى كۆچۈرۈلگەن ئادەم 12 يىلدىن كېيىن ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ئۆلۈۋالدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • زاماننىڭ 200 يىل ئالدىدا تۇرالىغان ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تايلاندلىق ئايال 2 يىلدا 8 ئەر بىلەن توي قىلىپ تويلۇقنى ئالداپ كەتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تاجىكىستان زۇڭتۇڭى ئىككى ياشنىڭ بېشىنى قوشۇپ قويدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015