كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى ئۆي-ماكانسىزلار سانى 2 يىلدا تېز ئېشىپ 130 مىڭغا يەتتى

تەۋە تۈر : خەۋەر > خەلقئارا >       مەنبە : nurtori      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-13 16:32:30

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 12-سېنتەبىر خەۋىرى:

«سان فىرانسىسكو ۋەقەلەر گېزىتى» چىقىرىش ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ئامېرىكىدا ئۆي-ماكانسىز قالغانلار نىسبىتى 2015-يىلىدىكىدىن %15 ئاشقان. ئاھالىلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلار، مەسىلەن لوس ئانژېلس ۋە دېڭىز قولتۇقى رايونلىرىدا چېدىر تىكىپ ئولتۇرۇش ئۇزۇندىن بۇيان ناھايىتى ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالغان. يېزا-كەنت رايونلىرىدىكى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ. كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ ئېلدورادا ناھىيەسىدە 2 يىل ئىچىدە ئۆي-ماكانسىز قالغانلار نىسبىتى %122، باتتې ۋىلايىتىدىكى ئۆي-ماكانسىز قالغانلار نىسبىتى %76 ئاشقان. بۇ شەھەرلەردە ئۆي-ماكانسىز قالغانلارنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان تەجرىبە بولمىغاچقا ھەممىنى نۆلدىن باشلاشقا مەجبۇر بولغان.

ئېلدورادو ناھىيەسىدە يىلبويى پاناھلىنىدىغان ئورۇن بولمىغاچقا بىللىي (Billie Jo) كامېرون باغچىسىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى يەر باشقۇرۇش ئىدارىسى قوروسىدا تۇرماقتا. 2015-يىلى ئۆي-ماكانسىز قالغانلار نىسبىتى ئېشىشقا باشلىغاندىن بۇيان بۇ جاي ۋاقىتلىق لاگېرغا ئايلىنىپ قالدى، باتتې ئوبلاستىدىكى نۇرغۇن پاناھلىنىش ئورۇنلىرى ئادەم بىلەن لىق تولدى. چىكو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلگىرى ئادەمنىڭ كۆزىگە غەلىتە كۆرۈنىدىغان تىلەمچىلەرمۇ بارا-بارا كىشىلەرنىڭ كۆزىگە سىغىپ قالدى.

بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ لەيك ناھىيەسى، شاستا ناھىيەسى، سان فىرانسىسكو قولتۇقى رايونىنىڭ شىمالىدىمۇ يۈز بەردى. مېكسىكا چېگرىسىغا يېقىن ئىمپېرىيال ناھىيەسىدىكى ئەرزان باھالىق ئۆيلەرنىڭ باھاسى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كەتكەنلىكتىن ئۆي-ماكانسىز كىشىلەرنىڭ سانى شىددەت بىلەن كۆپەيدى.

46 ياشلىق چارىس: «مەن بىر تۈرلۈك ماللار دۇكىنىدا ئىشلەيمەن. ئەسلىدە مېنىڭمۇ ئائىلەم بار ئىدى. بىراق، بىر يىل ئىلگىرى ئائىلە زوراۋانلىقى تۈپەيلى ئۆيۈمدىن ئايرىلىپ سىرتتا ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم. ھازىر مەن ئىلگىرى سېتىۋالالىغان نەرسىلىرىمنىڭ ئىلگىرىكىدەك ئەرزان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. ناۋادا مائاش ئالاھىدە يۇقىرى بولمىسا ئۆي ئىجارىسىنىمۇ تاپشۇرغىلى بولمىغۇدەك» دېدى. چارىس ئېلدورادو ناھىيەسىدىكى تاخو كۆلىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى بىر لاگېردا تۇرىدۇ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ھەمراھلىرى بىلەن كۆلدىن بېلىق تۇتۇپ يەپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ.

ئامېرىكا فېدىراتسىيەسى تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر تەرەققىيات مىنىستىرلىكى بۇ يىل كۈزدە ئەڭ يېڭى ئۆي-ماكانسىزلار سىتاستىكىسىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ مىنىستىرلىك ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆي-ماكانسىزلار سىتاستىكىسىنى ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى 55 ئوبلاست ۋە ناھىيەدە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بار. بۇ مىنىستىرلىكنىڭ سىتاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلىدىن بۇيان كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى ئۆي-ماكانسىزلار نوپۇسى 135 مىڭ 139 ئادەمگە يېتىپ، بارلىق ئىشتاتلار ئىچىدە 1-ئورۇندا تۇرغان.

مۇتەخەسسىلەر يېزا-كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆي-ماكانسىز قېلىشىدىكى سەۋەبنى ئۆي باھاسى ۋە ئۆي ئىجارىسى يۇقىرىلاپ كەتكەنلىكىدىن بولغان دەپ قارىدى. بىراق، ئۆي باھاسى ئۆسكەن بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كىشىلەرنىڭ مائاشى ئۆسۈپ باقمىدى. ناۋادا ھۆكۈمەت بىر قىسىم نامراتلار چىقىمىنى كۆتۈرەلىگۈدەك تۇرالغۇ ئۆيلەرنى سېلىپ بەرمىسە ئۆي-ماكانسىزلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئېشىشى پەرەز قىلىنماقتا.

CoreLogic پۇل-مۇئامىلە ئانالىز شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى 1-ئايدىن بۇيان ئېلدورادو ناھىيەسىدە ئۆي باھاسى %37، باتتې ئوبلاستىدا %55 ئۆسكەن؛ ئېلدورادو ناھىيەسىدىكى ئۆي ئىجارىسى %88، باتتې ئوبلاستىدىكى ئۆي ئىجارىسى %53 ئاشقان.

سان فىرانسىسكو ھۆكۈمىتى ھەر يىلى ئۆي-ماكانسىزلار مەسلىسىنى ھەل قىلىشقا 305 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆتكەن ئىككى يىلدا بۇ شەھەرنىڭ كوچىلىرىدىكى سەرگەردانلار ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇپ كەلدى. بىراق، ئېلدورادو ناھىيەسى بىلەن باتتې ئوبلاستىنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۆي-ماكانسىزلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ھېچقانداق تەجربىسى بولمىغانلىقتىن بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قانچىلىك پۇل خەجلىگەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقى، پەقەت مەبلەغ يېتىشمەيۋاتقانلىقىنىلا ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار يەنە ئېغىر ۋەزىپىنى چېركاۋ ۋە خەير-ساخاۋەت ئورگانلىرىدن ئىبارەت پايدا ئالمايدىغان تەشكىلاتلارغا قالدۇرماقتا.

41 ياشلىق ماركى بۇتلېر (Marci Butler): «مېنىڭ بۇ جايدىن كۆچۈپ كەتكۈم بار، دەرەختە تۇرۇش بەك قورقۇنچلۇق ئىكەن» دېدى. 6 ئاي ئىلگىرى ئۇ بىللە ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ تۇرغان ھەمراھى كۆچۈپ كەتكەنلىكتىن ئۆي ئىجارىسىنى تۆلەشكە ئامالسىز قېلىپ كۆچۈپ كەتكەنىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ كامېرون باغچىسىدىكى قارىغاي ۋە دۇب دەرىخى ئورمانلىقدا ياشاپ كەلمەكتە. بۇ بىر قائىدىگە خىلاپ قۇرۇلۇشلار سېلىنغان رايون بولۇپ، تاشيولدىن يىراق جايلارغا بىر نەچچە ئەسكى چېدىر تىكىلگەن. 

ئېلدورادو ناھىيەسىدە نۆۋەتتە «چېگرىدىن كىرىشنى ماسلاشتۇرۇش سىستېمىسى» قۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۆي-ماكانسىزلارنى تۇرالغۇ  بىلەن تەمىنلەش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتكە 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 3 مىليون 260 مىڭ يۈەن) ياردەم بېرىش ئىلتىماسى سۇندى. بۇ پۇللار ھەل بولغاندىن كېيىن ئۇزۇن مۇددەت ئۆي-ماكانسىز يۈرگەنلەرگە تۇرالغۇ ئۆي ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى تەمىنلىنىدۇ.

بۇ يىل 5-ئايدا ئېلدورادو ناھىيەسى تېخىمۇ مۇھىم تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆي-ماكانسىزلارنىڭ چېدىرلىرىنى ئايلاندى ھەمدە ئەھۋالى ئالاھىدە بولغانلار ئۈچۈن قۇتقۇزغۇچى خادىملار بىلەن ئالاقىلىشىپ بەردى. بۇ چارلاش ئەترىتىدە 3 ساقچى باشلىقى بار.

ئەترەت باشلىقى مايك (Mike Cook) بىر زەھەر چەكلەش مۇتەخەسسىسى، ئۇنىڭ بۇ ناھىيەدە خىزمەت قلىۋاتقىنىغا 20 نەچچە يىل بولدى. ئۇ: «بىز ئۆي-ماكانسىزلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان ئاخىرقى ئورۇن ئەمەس. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئۇلارنى ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرالغۇ ئۆي لاھىيەسى بىلەن تەمىنلەش، تۇرغۇدەك جايغا ئېرىشتۈرۈش» دېدى. يېقىنقى 4 ئاي ئىچىدە كۇكنىڭ ئەترىتىدىكىلەر 12دەك ئادەمگە ياردەم بەرگەن بولۇپ، بۇلاردىن ئىككى ئادەم سان فىرانسىسكودىكى بىر زەھەر تاشلىتىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىگە ئاپىرىپ بېرىلدى، قالغان 10 ئادەم سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىگە ئېلىپ بېرىلدى.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • ئەنگىلىيەلىك قىز ئىقتىسادچانلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ 19 دۆلەتنى ساياھەت قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • گۈمۈرۈلۈش خەۋپى بار تاشلىققا چىقىۋالغان قارام ساياھەتچىلەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يەر شارى تورىنىڭ بىر ھەپتىلىك نادىر سۈرەتلىك خەۋەرلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بىر يىگىت 20 مېتىر كېلىدىغان سۈرەتنى ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىغا ئېسىپ قويدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھۆسن تۈزىتىشكە خۇمار بولۇپ قالغان كرودىيەلىك ئەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تايلاندلىق «پۇلدار ئايال» دەردىنى ئېلىش ئۈچۈن 13 ئەر بىلەن توي قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۆلۈۋالغان ئادەمنىڭ يۈرىكى كۆچۈرۈلگەن ئادەم 12 يىلدىن كېيىن ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ئۆلۈۋالدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • زاماننىڭ 200 يىل ئالدىدا تۇرالىغان ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تايلاندلىق ئايال 2 يىلدا 8 ئەر بىلەن توي قىلىپ تويلۇقنى ئالداپ كەتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015