ئامېرىكا تارىخىدىكى ھەرقايسى زۇڭتۇڭلارنىڭ داۋىد لاگېرىدىكى ئەسلىمىلىرى

تەۋە تۈر : خەۋەر > خەلقئارا >       مەنبە : nurtori      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-13 19:47:58

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى:

ئۆتكەن ھەپتە تىرامپ ۋە «1-خانىم» مېلانىيا داۋىد لاگېرىدا ئارام ئالدى. بۇ تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان 3-قېتىم «دۆلەت ئىگىلىكىدىكى يازلىق ئارامگاھ»قا بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رونالد رېگانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، داۋىد لاگېرى بىر پاناھلىق ئورنى، بىر خىلۋەت جاي، ۋاشىنگىتون ئالاھىدە رايونىدىن يىراقلىشىپ ئۆزىنى ئەركىن-ئازادە قويۇۋېتىدىغان ئورۇن؛ فىرانكىلىن روزۋېلىتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا داۋىد ئارىلى ئۇنىڭ شانگرىلاسى؛ بىراق، ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، داۋىد ئارىلى پەقەت بىر زېرىكىشلىك يېزا كۇلۇبى، خالاس.

داۋىد ئارىلى مارىلاند ئىشتاتىدىكى كاتوكتىن تاغلىق رايون دۆلەتلىك باغچىسىغا جايلاشقان بولۇپ، مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل، تولىمۇ جىمجىت. ئۇنىڭ ۋاشىنگىتون بىلەن بولغان ئارىلىقى 113 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاق سارايدىن تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ بۇ يەرگە كېلىش ئۈچۈن پەقەت يېرىم سائەتلا ۋاقىت كېتىدۇ. 1938-يىللىرى بۇ جاينىڭ ئىسمى كاتوكتىن تاغلىق يېزىسى بولۇپ، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئارام ئېلىش ئورنى ئىدى. 1942-يىلى زۇڭتۇڭ روزۋېلىت بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىنى داۋالىتىش ئۈچۈن بۇ جاينى ئۆزىنىڭ مەخسۇس داۋالىنىش ئورنىغا ئايلاندۇرۇۋالغان.

1945-يىلى زۇڭتۇڭ تىرۇمېن بۇ جاينى رەسمىي زۇڭتۇڭلار ئارامگاھى قىلىپ بېكىتتى. بىراق، 1953-يىلى زۇڭتۇڭ ئېزىنخاۋېر بۇ لاگېرغا 5 ياشلىق نەۋرىسى داۋىدنىڭ ئىسمىنى قويۇۋالدى. 1960-يىلى ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان داۋىد بۇ جايغا يەنە بىر قېتىم كەلدى.

ئامېرىكا تارىخىدا داۋىد لاگېرى زۇڭتۇڭلارنىڭ يازلىق ئارامگاھى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مۇھىم دىپلوماتىيە سورۇنلىرىدىن بىرى. ئۇ نۇرغۇن مۇھىم تارىخىي پەيتلەرگە گۇۋاھ بولغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە روزۋېلىت بىلەن چېرچىل مۇشۇ جايدا كۆرۈشكەن؛ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى جەريانىدا ئېزىنخاۋېر مۇشۇ جايدا خىروشېفنى كۈتۈۋالغان...يۇقىرىدىكى سۈرەت 1984-يىلى ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى رېگان ئايالى ساچېر خانىم بىلەن بىللە داۋىد لاگېرىغا كەلگەندە تارتىلغان.

سولدىن ئوڭغا: 2013-يىلى، كىچىك بۇش بىلەن پۇتىن؛ 1968-يىلى زۇڭتۇڭ جونسون (ئوڭدا) بىلەن ئامېرىكىنىڭ ۋېيتنامدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئېللېسۋورس بېرك؛ 2000-يىلى، كىلىنتون بىلەن ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى ئېخۇد باراك.

1974-يىلى نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە داۋىد لاگېرى مۇنداق تەسۋىرلەنگەن: ئۇنىڭ جەلپكارلىقى دۇنيادىن ئايرىلىپ تۇرغانلىقىدا. سەككىز زۇڭتۇڭ ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا داۋىد لاگېرى ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكلەرگە ھەقىقىي مەخپىي رايون بولۇپ بەردى. سۈرەتتە، 1963-يىلى زۇڭتۇڭ كېننېدى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن داۋىد لاگېرىدا.

ئانىتا (Anita McBride) سابىق 1-خانىم لاۋرا بۇشنىڭ ياردەمچىسى. ئۇنىڭ كېيىنكىلەرگە قالدۇرغان تەكلىپى: داۋىد ئارىلىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىش. «ھەر بىر 1-خانىمغا نسبەتەن ئېيتقاندا داۋىد لاگېرى بىر مۇھىم بايلىق مەنبەسى، ئائىلە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم ھالقىسى.» سۈرەتتە، 1976-يىلى، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى فورد ئايالى ۋە قىزى بىلەن بىللە داۋىد لاگېرىدا سەيلە قىلماقتا.

سولدىن ئوڭغا: 1954-يىلى، ئېزىنخاۋېر ۋە ئايالى مارى؛ 1984-يىلى، زۇڭتۇڭ رېگان ۋە ئايالى نەنسى؛ 1978-يىلى، كارت، قىزى ۋە نەۋرىسى.

ئامېرىكىلىقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، داۋىد لاگېرى يەنە زۇڭتۇڭلارنىڭ دالا پائالىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئورۇن. مەيلى رېگاننىڭ ئات مىنىشى، ئاستا يۈگۈرۈشى بولسۇن، مەيلى ئوبامانىڭ ئۇچار تەخسە قارىغا ئېلىشى بولسۇن، ئىشقىلىپ زۇڭتۇڭلارنىڭ دىپلوماتىيە پائالىيىتى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە پائالىيەت ئۆتكۈزۈشى جەريانىدا داۋىد ئارىلى پائال رول ئويناپ كەلدى. سۈرەتتە، سولدىن ئوڭغا: 1983-يىلى، رېگان ۋە ئۇنىڭ ئامراق ئېتى؛ 1991-يىلى، چوڭ بۇش شىۋاسىنگىر بىلەن قار پومزىكى ئېتىشىپ ئوينىماقتا؛ 1994-يىلى كىلىنتون بىلەن ھىلارى قار تېيىلماقتا.

ئىككى نۆۋەت زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسى ئۆتەش جەريانىدا ئوباما داۋىد ئارىلىغا جەمئىي 39 قېتىم باردى، 93 كۈن تۇردى؛ كىچىك بۇش 149 قېتىم باردى، 487 كۈن تۇردى. سۈرەتتە، 2012-يىلى ئوباما ئۇچار تەخسە قارىغا ئالماقتا.

بىراق، ماددىي تۇرمۇش جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، داۋىد ئارىلى خۇددى بىر ھەربىي بازىغا ئوخشايدۇ. بۇ جايدا مۇقىم تۇرىدىغان دېڭىز ئارمىيە ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئەسكەرلىرى بار، بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى ناھايىتى مۇكەممەل. بۇنداق ئاددىي-ساددا، چەكلىمىلىك مۇھىت ئەلۋەتتە تىرامپنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇ ھەشەمەتلىك، قايناق مۇھىتنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆزىنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى قورۇقلىرى ۋە گولف توپ كۇلۇبىغا بېرىشقا ئامراق. سۈرەتتە، نيۇيوركتىكى تىرامپ بىناسىنىڭ ئىچكى كۆرۈنۈشى.

تىرامپ ھەر قېتىم يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدىكى خەلقئارالىق گولف توپ كۇلۇبىغا بارغاندا شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. قارىغاندا، تىرامپ «ئەنئەنىۋىيرەك» بولمىسا بولمايدىغان ئوخشايدۇ.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • ئامېرىكا تارىخىدىكى ھەرقايسى زۇڭتۇڭلارنىڭ داۋىد لاگېرىدىكى ئەسلىمىلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەنگىلىيەلىك قىز ئىقتىسادچانلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ 19 دۆلەتنى ساياھەت قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • گۈمۈرۈلۈش خەۋپى بار تاشلىققا چىقىۋالغان قارام ساياھەتچىلەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يەر شارى تورىنىڭ بىر ھەپتىلىك نادىر سۈرەتلىك خەۋەرلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بىر يىگىت 20 مېتىر كېلىدىغان سۈرەتنى ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىغا ئېسىپ قويدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھۆسن تۈزىتىشكە خۇمار بولۇپ قالغان كرودىيەلىك ئەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تايلاندلىق «پۇلدار ئايال» دەردىنى ئېلىش ئۈچۈن 13 ئەر بىلەن توي قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۆلۈۋالغان ئادەمنىڭ يۈرىكى كۆچۈرۈلگەن ئادەم 12 يىلدىن كېيىن ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ئۆلۈۋالدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • زاماننىڭ 200 يىل ئالدىدا تۇرالىغان ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015