پىۋىغا ئامراق گېرمانىيەلىكلەر ئۈچۈن ئايرودروملاردا پىۋىخانا ئېچىلدى

تەۋە تۈر : خەۋەر > خەلقئارا >       مەنبە : nurtori      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-13 20:07:55

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 12-سېنتەبىر خەۋىرى:

پىۋا تىلغا ئېلىنسا پىۋا ئىچىشكە ئامراقلارنىڭ كۆپىنچىسى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخىن شەھىرىنى ئەسكە ئالىدۇ. گېرمانىيەلىكلەر پىۋا ئىچىشكە ئامراق، مىيۇنخىنلىقلار تېخىمۇ شۇنداق. مىيۇنخىنغا بىر نەچچە قېتىم بارغانلارغا ئەڭ بەك تەسىر قىلىدىغىنى ئۇ شەھەرنىڭ پىۋا مەدەنىيىتى. مىيۇنخىنلىقلارنىڭ تۇرمۇشى پىۋىدىن ئايرىلالمايدۇ. شەھەر-بازارلارنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك پىۋىخانا بار بولۇپ، بۇ جايلاردا نۇرغۇن ئادەمنىڭ پىۋا ئىچىپ ئولتۇرغىنىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. بىر ئىستاكان پىۋا ئۇلارنىڭ بىكار ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈشكە يېتىدۇ. جۇڭگولۇقلارنىڭ چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىشقا ئامراق بولغىنىغا ئوخشاش پىۋىمۇ شۇ جايدىكى ئامما ياقتۇرۇپ ئىچىدىغان ئىچىملىكىگە ئايلانغان.

مىيۇنخىننىڭ پىۋا تارىخىنى قەدىمكى رىم دەۋرلىرىگىچە سۈرۈشكە بولىدۇ. گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە رايونىنىڭ شىمالىدىكى كۇلمباك شەھىرىدىن 3000 يىللىق تارىخقا ئىگە پىۋا قاچىسى چىقتى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئىلگىرى ئالپىس تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە تۇرىدىغان بىر توپ داۋجياۋ راھىبى قارا پىۋا ئېچىتقان، كېيىنچە ئۇنى پاپاغا سوۋغا قىلغان. پاپا پىۋىنى ياقتۇرۇپ قېلىپ ئۇلارنىڭ پىۋا ئىشلەپچىقىرىشىغا قوشۇلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ باۋارىيە رايونى ئاستا-ئاستا گېرمانىيەنىڭ پىۋىچىلىك يۇرتى بولۇپ قالغان. مىيۇنخىننىڭ شەھەر رايونىدا پىۋا ئىچىپ ئولتۇرۇش تولىمۇ ئادەتتىكىچە بىر ئىش. مىيۇنخىن ئايرودورمىدا تېخى پىۋىخانا بار بولۇپ، بۇ ئورۇن مەخسۇس ئايروپىلانغا ئۈلگۈرمەكچى بولغانلارنىڭ پىۋىغا بولغان خۇمارىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان. 

ياۋروپا بويىچە ئەڭ چوڭ ھاۋا قاتناش تۈگۈنىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مىيۇنخىن خەلقئارا ئايرودرومى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپ قېتىم ياۋروپا بويىچە ئەڭ ياخشى ئايرودروم بولۇپ باھالاندى. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئايرودرومنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە فۇنسىكىيەلىك رايونلىرىنىڭ قولايلىقلىقىدىن سىرت، يەنە يولۇچىلارنىڭ بەرگەن باھاسىنىڭ يۇقىرىلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككى ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىنى ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرىدىغان مەركىزىي مەيدانغا سېلىنغان قىزىل گىلەم يەردىن ئېلان تاختىسىغىچە سوزۇلىدۇ. بۇ كۆرۈنۈش يولۇچىلارنى باشقىچە يەڭگىللىتىۋېتىدۇ.

كەڭ كەتكەن مەركىزىي مەيداننىڭ تۆت تەرىپىدە ھەرخىل يېمەك-ئىچمەك دۇكانلىرى بار بولۇپ، ئوتتۇرىدىكى بوشلۇق ياۋروپالىقلارنىڭ ئادىتىگە ماس قىلىپ لاھىيەلەنگەن. كىشىلەر ئايروپىلان كۈتۈش زالىدا ئولتۇرۇپمۇ قۇياش نۇرى ۋە ساپ ھاۋادىن ھوزۇرلىنالايدۇ.

مەركىزىي مەيداننىڭ يېرىمىدا گېرمانىيە ئۇسلۇبىدىكى پىۋىخانىلار بار. گېرمانىيەلىكلەر ئادەتتىمۇ پىۋا ئىچىشكە ئامراق بولغاچقا بىكار ۋاقىتلىرىدا پىۋىخانىلارغا بېرىپ قانغۇچە ئىچىپ كېلىدۇ. ئايرودرومدىكى پىۋىخانىلار يولۇچىلارنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدىغان ھەمدە ئايروپىلان ساقلاش ۋاقتىنى ئۆتكۈزىدىغان ئاقىلانە تاللاش.

ئەنئەنىۋىي پىۋىخانىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئايرودرومدىكى پىۋىخانىلارنى تەبىئەتكە يېقىن دەپ كېتىشكە بولمايدۇ. بىراق، بۇ گېرمانىيەلىكلەرنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشتىن ئىلگىرى پىۋا ئىچىۋېلىش ئارزۇسىغا توسقۇنلۇق قىلمايدۇ. كىشىلەر ئايروپىلان كۈتۈش زالىدا ئولتۇرغاندىن كۆرە بۇ جايغا كېلىپ پىۋا ئىچكەچ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ناتونۇشلار بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇپ قالسىمۇ ناھايىتى تېزلا چىقىشىپ كېتىدۇ.

دۇنيادىكى ھېچقانداق مىللەت پىۋىغا گېرمانىيەلىكلەرگە ئوخشاش ئامراق بولغان ئەمەس. تولۇقسىز سىتاستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيەدە ھەر بىر ئادەم ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا 300 لېتىر پىۋا ئىچىدىكەن، يەنى كۈنىگە بىر لېتىرغا يېقىن پىۋا ئىچىدىكەن. گېرمانىيەلىكلەر پىۋىنى سۇغا ئوخشاش ئىچىدۇ دېگەن گەپ ھەرگىز بىكار تارقالمىغان.

ناۋادا باۋارىيە رايونى گېرمانىيە پىۋا يۇرتى بولسا، ميۇنخىن پىۋا مەدەنىيىتى ئەڭ گۈللەنگەن شەھەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ رايوندا ھەر يىلى كۈزدە داغدۇغىلىق «ميۇنخىن پىۋا بايرىمى» ئۆتكۈزۈلۈپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن پىۋىخۇمارلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. 

گېرمانىيەلىكلەرنىڭ مۇشۇ ئادىتى سەۋەبلىك ھاراقنى كۆپ ئىچىۋېلىپ ئايروپىلانغان كېچىكىپ قالىدىغان ئىشلار كۆپ ئۇچرايدۇ. مۇشۇنداق ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مىيۇنخىن ئايرودرومىدا پىۋاخانا تەسىس قىلىنىپ يولۇچىلارنىڭ ئەندىشىسى يوق قىلىنغان. كۈندىلىك تۇرمۇشتا پىۋىدىن ئايرىلالمايدىغان مىيۇنخىنلىقلار ئۈچۈن بۇ ئەلۋەتتە ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • ئامېرىكا تارىخىدىكى ھەرقايسى زۇڭتۇڭلارنىڭ داۋىد لاگېرىدىكى ئەسلىمىلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەنگىلىيەلىك قىز ئىقتىسادچانلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ 19 دۆلەتنى ساياھەت قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • گۈمۈرۈلۈش خەۋپى بار تاشلىققا چىقىۋالغان قارام ساياھەتچىلەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يەر شارى تورىنىڭ بىر ھەپتىلىك نادىر سۈرەتلىك خەۋەرلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بىر يىگىت 20 مېتىر كېلىدىغان سۈرەتنى ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىغا ئېسىپ قويدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھۆسن تۈزىتىشكە خۇمار بولۇپ قالغان كرودىيەلىك ئەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تايلاندلىق «پۇلدار ئايال» دەردىنى ئېلىش ئۈچۈن 13 ئەر بىلەن توي قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۆلۈۋالغان ئادەمنىڭ يۈرىكى كۆچۈرۈلگەن ئادەم 12 يىلدىن كېيىن ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ئۆلۈۋالدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • زاماننىڭ 200 يىل ئالدىدا تۇرالىغان ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015