زۇكامغا پەرۋا قىلمىغان 21 ياشلىق يىگىت ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالدى

تەۋە تۈر : خەۋەر > خەلقئارا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-13 11:22:17

تېڭشۈن تورى خەۋىرى،:

«فوكىس خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 10-چېسلا كۈنى 21 ياشلىق بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش تەنھەركەتچىسىنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەسلىدە ناھايىتى ساغلام ھەم كېلىشكەن بۇ يىگىت يۇقۇملۇق زۇكام  دەپ دىئاگنوز قويۇلغاندىن كېيىن كېسىلىگە قىلچە پەرۋا قىلمىغان، بۇ ياش يىگىت پېنسىلۋانىيە شىتاتى پىتتىسبۇرگ ئۇنۋېرسىتىتى (University of Pittsburgh) نىڭ تىببىي مەركىزىدە يۇقۇملۇق زۇكام ئەگەشمە كېسەللىكلىرى سەۋەبلىك قازا قىلغاندىن كېيىن، يىگىتنىڭ ئۆيدىكىلىرى قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن. ئوغلىنىڭ ئۆلۈمىدىن يۈرىكى قاتتىق ئېزىلىپ پۇچىلانغان ئانىسى كەڭ تورداشلارنى زۇكامغا ھەرگىز سەل قارىماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان.

بۇ يىل 21 ياشقا كىرگەن كىيلېر بوگخام  (Kyler Baughman) بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش تەنھەركەتچىسى بولۇپ، ئادەتتە ناھايىتى ساغلام كەلگەن بۇ يىگىتنىڭ بەدەن ساپاسى ناھايىتى ياخشى ئىدى، ئۇ دائىم بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيىدە چېنىقاتتى. كىيلېرنىڭ ئاپىسى كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا ئۆكسۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:«ئۇ ئەسلىدە مەلۇم مەكتەپكە بېرىپ شەخسىي چېنىقىش تېرىنىرى بولماقچى ئىدى، لېكىن نەچچە كۈن ئىلگىرى توساتتىن يېنىككىنە يۆتىلىپ ئۆزىنىڭ سەل بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان، كېيىن ئۇ ئۆيدە نەچچە كۈن يېتىپ ئارام ئالدى، ئۇ مەيدىسى ئاغرىپ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان، قىسقىغىنا 48 سائەت ئىچىدە، ئوغلۇمنىڭ سالامەتلىكى شىددەت بىلەن ناچارلىشىپ كەتكەنىدى».

چارشەنبە كۈنى، بۇ يىگىت ۋەست مورېلاند  (Westmoreland) ناھىيىلىك جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئاپىرىلغان، كېيىن يەنە ئايروپىلان ئارقىلىق پىتتىسبۇرگ ئۇنۋېرسىتىتى تىببىي مەركىزىگە يۆتكەلگەن ھەم بىر نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن شۇ جايدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن. ئورگان تەرەپ چىقارغان ئۆلۈم سەۋەبى يەكۈنىگە قارىغاندا، يىگىتنىڭ ئۆلۈمىگە  يۇقۇملۇق زۇكام كەلتۈرۈپ چىقارغان يىرىڭ زەھەرلىك شۈك بولۇپ قېلىش سەۋەب بولغان بولۇپ، يىگىتنىڭ ئىچكى ئەزالىرى زەئىپلىشىپ كەتكەن. ھازىر يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى باشقا كىشىلەرگە  ئازراق بىئارامسىزلىنىش ھېس قىلسىلا چوقۇم دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈشكە تەۋسىيە قىلغان. «ئۆز بەدىنىڭىزدە كۆرۈلگەن ئۆزگىرىش ۋە ئالامەتلەرگە دىققەت قىلىڭ ھەم شۇ ئارقىلىق يۇقارقىدەك پاجىئە يۈز بېرىشتىن ساقلىنىڭ. ئەگەر بىر نەچچە كۈن ئۇدا توختىماي قىزىتمىڭىز ئۆرلەپ كەتسە، ئۆيىڭىزدىكىلەرگە دەرھال دوختۇرغا ئاپىرىشنى ئېيتىڭ».

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • زۇكامغا پەرۋا قىلمىغان 21 ياشلىق يىگىت ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالدى
  • ئامېرىكا تاراتقۇلىرى جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ ئون چوڭ شەھىرىدىكى پەرقلەرنى سېلىشتۇردى
  • خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن چېچىنى چۈشۈرۈۋەتكەن قىز مەكتەپتىن ھەيدەلدى
  • ئەنگىلىيەلىك ئايال 28 يىلدا 20 پەرزەنتلىك بولدى
  • ئۇدا 10 بالىلىق بولغان ئاتا-ئانا بالىلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىراقلا ئۆتكۈزىدۇ
  • ئاۋسترالىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق تاللا بازىرىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
  • بۇ دۆلەتلەردە مۇنچا يوق، شۇڭا ئاياللار كوچا-كويلاردا يۇيۇنىدۇ
  • پۈتۈن دۇنيادىكى 10 جۈپ غەلىتە ئىقتىدارغا ئىگە قوشكېزەكلەر
  • ئەنگلىيەدىكى ئەڭ نومۇسسىز ئانا يېڭى ئوغۇل دوستىدىن 13-بالىسىغا ھامىلىدار بولدى
  • ئامېرىكىدىكى 12 بالىسى، 19 نەۋرىسى بار يېڭى شەھەر باشلىقى
  • 2017-يىلى دۇنيانى تەسىرلەندۈرگەن 50 پارچە سۈرەت
  • 6 يېشىدا ئۆز ئاتا-ئانىسى پاھىشىخانىغا سېتىۋەتكەن قىزنىڭ ھازىرقى ھالىتى
  • جۇڭگو 2017-يىلى نېمىشقا دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئەڭ كۆپ تارتالىدى؟
  • رېيتېر ئاگېنتلىقى 2017–يىلىدىكى ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرىدىغان 5 خەۋەرنى باھالىدى
  • ئۇلۇغ داھىيىمىز ماۋ زېدۇڭنىڭ چەتئەللىك مەستانىلىرى
  • 2017-يىلى بۇزۇپ تاشلانغان دۇنيا رېكورتلىرى
  • تايلاند باھالاپ چىققان 2017-يىللىق 10 چوڭ باش بەت خەۋىرى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • زۇكامغا پەرۋا قىلمىغان 21 ياشلىق يىگىت ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • مېيىپلىق ئاجىزلىق ئەمەس بەلكى قەيسەرلىكتۇر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • مالايسىيالىق بىر جۈپ ياش ئۆزگىچە توي سۈرىتى چۈشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «توي قىلىشنى كەسپ قىلىۋالغان ئەر» 8 يىلدا 8 قېتىم توي قىلىپ 45 مىليون رۇپىيە پۇلنى ئالداپ كەتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكىلىق ئايال ئەسكەر قاۋۇل مۇسكۇلى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەرلەرنىڭ مائاشى ئاياللاردىن يۇقىرى بولۇش چەكلەنگەن دۆلەت

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • گېرمانىيەلىك 19 ياشلىق قىز 52 ياشلىق يىگىتى بىلەن توي قىلىشقا قەسەم قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 18 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدە ئېسىل پىكاپ سوۋغا قىلىنغان قىز بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئاق ساراينىڭ ئەڭ ياش ئالاقە مەسئۇلى «تىرامپنىڭ ھەقىقىي قىزى» خوۋپ خىكس

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015