ئەنگىلىيە خان جەمەتى بالىلىرى رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئۆزگىچە قائىدىلەر

تەۋە تۈر : خەۋەر > خەلقئارا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-13 11:24:39

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى:

ئەنگىلىيە خان جەمەتى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق جەمەت، بۇ جەمەت چۆچەك كەبى دۇنيادا ساقلىنىپ قالغان بىر جەمەتكە ئوخشايدۇ. خان جەمەتى بالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىمۇ ئاددىي ئەمەس، ئۇلار نۇرغۇن قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەك، بۇ قائىدىلەرنىڭ بەزىلىرى شۇنچىلىك ئەخمەقتەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن بۇ قائىدە ئەنئەنىسىنى مەڭگۈ بىكار قىلغىلى بولمايدۇ.

خان جەمەتى بالىلىرى ئاۋۋال رىئايە قىلىدىغان قائىدە بولسا ئۇلارنىڭ ئىسمى، ئەركىلەتمە ئىسمى بولۇشىغا بولمايدۇ، شەخسىي سورۇنلاردا بولسا مەيلى ئەمما ئاممىۋى سورۇنلاردا چوقۇم تولۇق ئىسمىنى ئىشلىتىشى كېرەك. ۋىلىيام شاھزادىنىڭ ئوغلى جورج ئالىكساندىر لۇئىس، مەيلى قانچىلىك ئوماق بولۇپ كەتسۇن ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇنى جورج شاھزادە دەپ چاقىرغىلى بولمايدۇ.

ئۇلار بالا ۋاقتىدا T شەكىللىك مايكا ۋە باربى كۆينەكلىرىنى كيىشكە بولمايدۇ، بالىلارنىڭ ئاممىۋى سورۇندىكى كىيىنىشى چوقۇم ئۆلچەملىك بولۇشى كېرەك، گەرچە جورج شاھزادە ھەمىشە قىسقا ئىشتان كىيسىمۇ بۇمۇ كىيىنىش ئۆلچىمىنىڭ بىر قىسمى. چۈنكى قىسقا ئىشتان كىيىش يۇقىرى قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ بەلگىسى. شارلوت مەلىكە مەڭگۈ كۆينەك بىلەن قوي يۇڭى ئالدى ئوچۇق پوپايكىلا كىيىدۇ.

ئايال پادىشاھنىڭ نۇرغۇن قائىدىلىرى بار، بەزىلىرى ئورۇنلۇق، بەزىلىرىنى قىلمىسىمۇ بولىدىغاندەك. خان جەمەتى ئەزالىرى بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېگەندە باشقىلار چوقۇم ئايال پادىشاھنىڭ تاماق يېيىش رىتىمىغا ماسلىشىشى كېرەك، ئايال پادىشاھ يەپ بولۇشىغا باشقىلار چوقۇم تاماق يېيىشنى توختىتىشى كېرەك. ئەگەر ئايال پادىشاھ يەپ بولغان بولسا، شارلوت مەلىكە بىلەن جورج شاھزادىنىڭ قورسىقى ئاچ بولسىمۇ يېيىشىگە بولمايدۇ.

خان جەمەتى ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن چوقۇم نۇرغۇن دۆلەتلەرگە بېرىپ زىيارەت قىلدىغان گەپ، ئەگەر قارشى تەرەپ بىلەن ياخشى تىل ئالاقىسىدە بولسا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرالايدۇ، شۇڭا خان جەمەت بالىلىرى ناھايىتى بۇرۇنلا نۇرغۇن تىللارنى ئۆگىنىشنى باشلايدۇ، شارلوت مەلىكە ھازىر ئاللىقاچان ئىسپانچىنى ئۆگىنىشنى باشلاپ بولدى.

ئادەتتىكى بالىلار ھەممىسى روژدېستۋو بايرىمى ئۆتكۈزۈشكە ئامراق، چۈنكى نۇرغۇن سوۋغاتقا ئېرىشىدۇ. ئەمما خان جەمەتى بالىلىرىنىڭ روژدېستۋولۇق سوۋغىتى يوق، بۇ ئەنئەنە ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەنئەنىسى. لېكىن شاھزادە ۋە مەلىكىلەرنىڭ روژدېسىتۋونى كۈتۈشىنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى ئۇلار كۈنبويى سوۋغىغا ئېرىشىپ تۇرىدۇ.

ئەگەر سىز خان جەمەت ئەزالىرىغا ئۇچراپ قالسىڭىز ئۇلار بىلەن بىر پارچە ئۆز تارتىمغا چۈشۈپ دوستلار چەمبىرىكىمگە يوللايمەن دەپ تەمە قىلماڭ، چۈنكى ئۆز تارتىم قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ. شۇڭا ئەزەلدىن ھېچقايسى خان جەمەت ئەزاسى باشقىلار بىلەن ئۆز تارتىمغا چۈشمەيدۇ. شارلوت مەلىكە بىلەن جورج شاھزادە چوڭ بولۇپ بۇ قائىدىنى بىلسە قانداق تۇيغۇدا بولار؟ دوستلار چەمبىرىكىدە سۈرەتلىرىنى كۆز-كۆز قىلالماسلىق ھازىرقى زامان بالىلىرىغا نىسبەتەن قاتتىق ئازابقۇ؟

خان جەمەت ئەزالىرى دەرىجىدىن تاشقىرى داڭلىقلار، نۇرغۇن ئادەم ئۇلارغا سوۋغا بېرىدۇ، بەزىدە بۇ سوۋغىلار ناھايىتى ئەتراپلىق تەييارلانغان، بەزىدە ناھايىتى غەلىتىلىرىمۇ چىقىپ قالىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن سوۋغا قوبۇل قىلغاندا چوقۇم تەبەسسۇمىنى ساقلىشى كېرەك.

خان جەمەتى ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر بىر ئەزا بىر جامائەت ئەربابى، سىز چوقۇم ئوتتۇراھال ھالەتنى ساقلىشىڭىز كېرەك، شۇڭا سىزنىڭ ھەر قانداق پارتىيىگە قاتنىشىشىڭىزغا بولمايدۇ، ھۆكۈمەتتە ئىشلىشىڭىزگىمۇ بولمايدۇ. ھەر قانداق سىياسىي سورۇندا بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇش كېرەك.

خان جەمەتى ئەزالىرى ئۆزىنىڭ قائىدە-يوسۇنلۇقلۇقى ۋە سالاپەت بىلەن گەپ قىلىشىدىن پەخىرلىنىدۇ. ئۇلار چوقۇم سالاپەتلىك كىيىنىشى، سالاپەت بىلەن گەپ قىلىشى كېرەك. خان جەمەتى بالىلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ھەر قانداق بالىلارچە گەپ چەكلىنىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ كىچىك بالا بولۇشىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.

خان جەمەتى بالىسى بولۇشنىڭ ئەڭ قىزىقارلىق تەرىپى بولسا ئۇلار ھەر قانداق توي مۇراسىمىغا قاتناشسا بولىدۇ. بالىلاردىن تەشكىللەنگەن توي مۇراسىم كەچلىك زىياپىتى بولسا خان جەمەتىنىڭ ئەنئەنىسى.

ئەدەبلىك بولۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ھەر قاچان قائىدىلىك بولۇپ، ئۆزىنىڭ خان جەمەتىدىن ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك، تاماق ئۈستىلىدە ئاچچىقلىنىش ۋە يېمەكلىكنى قالايمىقان تاشلاشقا چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ. بۇنداق خان جەمەتى بالىلىرىنىڭ قائىدە-يوسۇن دەرىسى ئەنگىلىيەدىكى ھەر قانداق ئادەمنىڭكىدىن جىق. بۇ قائىدە-يوسۇنلار ئىزچىل خان جەمەتىدە ئاستا-ئاستا جۇغلانغان ھەمدە ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.

نېمىشقا شارلوت مەلىكىنىڭ تاج تاقىغىنىنى كۆرگىلى بولمايدۇ؟ بۇنداق بولۇشى خان جەمەتىدىكى ئاياللار تاكى تويى بولمىغۇچە ھەرقانداق باش بېزىكى تاقىسا بولمايدۇ.

خان جەمەتى بالىلىرى چوقۇم رىئايە قىلشقا تېگىشلىك ئەڭ چوڭ قائىدە دەل ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە ساياھەتكە چىقسا بولمايدۇ. ئىككى تەخت ۋارىسى بىللە ساياھەت قىلسا بولمايدۇ. بەلكىم سىز گاڭگىراپ قالغانسىز، چۈنكى بىز ھەمىشە ۋىلىيام شاھزادىنىڭ جورج شاھزادە بىلەن ئۇيان-بۇيان ئويناپ يۈرگەن رەسىملىرىنى كۆرۈپ تۇرىمىز. بۇنداق بولۇشى ئۇ تېخى كىچىك. جورج شاھزادە 12 ياشقا توشقاندا بۇ قائىدە قەتئىي ئىجرا قىلىنىدۇ. بۇنداق بولۇشى ساياھەت جەريانىدا تاساددىپىيلىق ياكى باشقا قورقۇنچلۇق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن. ھېچبولمىغاندا بىرەيلەن تالاپەتكە ئۇچىرىسىمۇ يەنە بىرەيلەن ئامان قالىدۇ، بولمىسا زىيان تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.

بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ غەلىتە ھەم ئەڭ كۈلكىلىك بولغىنى خان جەمەتى بالىلىرى «كاتتا باي»(大富翁) ئويۇنى ئوينىسا بولمايدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بالىلار ئويناپ مودا بولغان بۇ ئويۇن خان جەمەتىدە پەيدا بولسا بولمايدىكەن.

 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • زۇكامغا پەرۋا قىلمىغان 21 ياشلىق يىگىت ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالدى
  • ئامېرىكا تاراتقۇلىرى جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ ئون چوڭ شەھىرىدىكى پەرقلەرنى سېلىشتۇردى
  • خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن چېچىنى چۈشۈرۈۋەتكەن قىز مەكتەپتىن ھەيدەلدى
  • ئەنگىلىيەلىك ئايال 28 يىلدا 20 پەرزەنتلىك بولدى
  • ئۇدا 10 بالىلىق بولغان ئاتا-ئانا بالىلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىراقلا ئۆتكۈزىدۇ
  • ئاۋسترالىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق تاللا بازىرىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
  • بۇ دۆلەتلەردە مۇنچا يوق، شۇڭا ئاياللار كوچا-كويلاردا يۇيۇنىدۇ
  • پۈتۈن دۇنيادىكى 10 جۈپ غەلىتە ئىقتىدارغا ئىگە قوشكېزەكلەر
  • ئەنگلىيەدىكى ئەڭ نومۇسسىز ئانا يېڭى ئوغۇل دوستىدىن 13-بالىسىغا ھامىلىدار بولدى
  • ئامېرىكىدىكى 12 بالىسى، 19 نەۋرىسى بار يېڭى شەھەر باشلىقى
  • 2017-يىلى دۇنيانى تەسىرلەندۈرگەن 50 پارچە سۈرەت
  • 6 يېشىدا ئۆز ئاتا-ئانىسى پاھىشىخانىغا سېتىۋەتكەن قىزنىڭ ھازىرقى ھالىتى
  • جۇڭگو 2017-يىلى نېمىشقا دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئەڭ كۆپ تارتالىدى؟
  • رېيتېر ئاگېنتلىقى 2017–يىلىدىكى ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرىدىغان 5 خەۋەرنى باھالىدى
  • ئۇلۇغ داھىيىمىز ماۋ زېدۇڭنىڭ چەتئەللىك مەستانىلىرى
  • 2017-يىلى بۇزۇپ تاشلانغان دۇنيا رېكورتلىرى
  • تايلاند باھالاپ چىققان 2017-يىللىق 10 چوڭ باش بەت خەۋىرى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • زۇكامغا پەرۋا قىلمىغان 21 ياشلىق يىگىت ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • مېيىپلىق ئاجىزلىق ئەمەس بەلكى قەيسەرلىكتۇر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • مالايسىيالىق بىر جۈپ ياش ئۆزگىچە توي سۈرىتى چۈشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «توي قىلىشنى كەسپ قىلىۋالغان ئەر» 8 يىلدا 8 قېتىم توي قىلىپ 45 مىليون رۇپىيە پۇلنى ئالداپ كەتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكىلىق ئايال ئەسكەر قاۋۇل مۇسكۇلى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەرلەرنىڭ مائاشى ئاياللاردىن يۇقىرى بولۇش چەكلەنگەن دۆلەت

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • گېرمانىيەلىك 19 ياشلىق قىز 52 ياشلىق يىگىتى بىلەن توي قىلىشقا قەسەم قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 18 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدە ئېسىل پىكاپ سوۋغا قىلىنغان قىز بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئاق ساراينىڭ ئەڭ ياش ئالاقە مەسئۇلى «تىرامپنىڭ ھەقىقىي قىزى» خوۋپ خىكس

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015