پەرزەنتلىك بولالمايدۇ دەپ دىياگنوز قويۇلغان ئەر قوشكېزەككە دادا بولدى

تەۋە تۈر : خەۋەر > خەلقئارا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-14 19:46:41

تېڭشۈن تورى خەۋىرى،

دانېللې روگېرسون بىلەن يولدىشى جوئې سىمىس قوشكېزەك بالىسى تېددىي بىلەن روننىنى ئېگىز كۆتۈردى. بۇ ئىككىلىسىلا ئوغۇل بوۋاق بولۇپ، ئىنتايىن ساغلام تۇغۇلغان. بىراق نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭدىن بۇرۇن جوئېنىڭ پەرزەنتلىك بولالمايدۇ، دېگەن، دىياگنوزنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال 2014-يىل تونۇشۇپ، 2016-يىلى بەختلىك ئائىلە قۇرغان. ئىككەيلەن ئىزچىل بالىلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، بىراق ئوڭۇشلۇق بولمىغان. دانېللې: «بىز دوختۇرغا كۆرۈنگىنىمىزدە، دوختۇر ئالدى بىلەن جوئېنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى»، دېدى.

2001-يىل ئۆكتەبىردە، ئىككەيلەن پىروبىركىدا بوۋاق يېتىلدۈرۈشنى سىناپ، 2017-يىل مارت ئېيىدا دانېللې ئوڭۇشلۇق ھالدا ھامىلدار بولدى. ئۇ: «شۇ كۈنى سەھەر سائەت بەشتە بىز تەكشۈرتكىلى بارغاندا تولىمۇ ھاياجانلاندۇق، چۈنكى مەن قوشكېزەكلەرگە ھامىلدار بولغانىدىم»، دېدى.

بىراق ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، ھامىلدار مەزگىلدە ھامىلىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى باشقا نورمال بالىلارنىڭكىدىن ئالاھىدە كىچىك بولۇپ، ئەر-ئايال ئىككەيلەن جىددىيلىشىپ كەتتى. ھامىلە 16 ھەپتىلىك بولغاندا، ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. 20 ھەپتىلىك بولغاندا، دوختۇر ئۇلارغا چوقۇم بىر قارارغا كېلىشىنى ئېيتتى. دانېللې: «ئەگەر ھېچنېمە قىلمىساق، ئىككىلا بالىمىزدىن ئايرىلىپ قالاتتۇق، ئەگەر نۇر بىلەن داۋالىساق، بىر بالىمىزدىن ياكى ئىككىلىسىدىنلا ئايرىلىپ قالاتتۇق»، دېدى.

ئىككەيلەنگە نىسبەتەن، بۇ ئىنتايىن ئازابلىق بىر قارار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەڭ ئاخىرىدا نۇر بىلەن داۋالاشنى تاللاپ، بۇ ئائىلىگە ئۈمىد ئاتا قىلدى. ھامىلە 29 ھەپتىلىك بولغاندا، داننېللې ئوپېراتسىيە قىلىنىپ، تېددىينىڭ تۇغۇلۇشىدا خەتەر بىر قەدەر كىچىك بولسىمۇ، بىراق روننىنىڭ ئەھۋالى بەكلا خەتەرلىك ئىدى.

بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كېيىن  داۋالاندى. ئالتە ھەپتىدىن كېيىن تېددىي ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئارقىدىن روننىمۇ ناھايىتى تېزلا  ئىللىق ئائىلىسىگە قايتىپ كەلدى.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • زۇكامغا پەرۋا قىلمىغان 21 ياشلىق يىگىت ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالدى
  • ئامېرىكا تاراتقۇلىرى جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ ئون چوڭ شەھىرىدىكى پەرقلەرنى سېلىشتۇردى
  • خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن چېچىنى چۈشۈرۈۋەتكەن قىز مەكتەپتىن ھەيدەلدى
  • ئەنگىلىيەلىك ئايال 28 يىلدا 20 پەرزەنتلىك بولدى
  • ئۇدا 10 بالىلىق بولغان ئاتا-ئانا بالىلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىراقلا ئۆتكۈزىدۇ
  • ئاۋسترالىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق تاللا بازىرىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
  • بۇ دۆلەتلەردە مۇنچا يوق، شۇڭا ئاياللار كوچا-كويلاردا يۇيۇنىدۇ
  • پۈتۈن دۇنيادىكى 10 جۈپ غەلىتە ئىقتىدارغا ئىگە قوشكېزەكلەر
  • ئەنگلىيەدىكى ئەڭ نومۇسسىز ئانا يېڭى ئوغۇل دوستىدىن 13-بالىسىغا ھامىلىدار بولدى
  • ئامېرىكىدىكى 12 بالىسى، 19 نەۋرىسى بار يېڭى شەھەر باشلىقى
  • 2017-يىلى دۇنيانى تەسىرلەندۈرگەن 50 پارچە سۈرەت
  • 6 يېشىدا ئۆز ئاتا-ئانىسى پاھىشىخانىغا سېتىۋەتكەن قىزنىڭ ھازىرقى ھالىتى
  • جۇڭگو 2017-يىلى نېمىشقا دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئەڭ كۆپ تارتالىدى؟
  • رېيتېر ئاگېنتلىقى 2017–يىلىدىكى ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرىدىغان 5 خەۋەرنى باھالىدى
  • ئۇلۇغ داھىيىمىز ماۋ زېدۇڭنىڭ چەتئەللىك مەستانىلىرى
  • 2017-يىلى بۇزۇپ تاشلانغان دۇنيا رېكورتلىرى
  • تايلاند باھالاپ چىققان 2017-يىللىق 10 چوڭ باش بەت خەۋىرى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • قىزى بىلەن ئاچا-سىڭىللاردەك كۆرۈنىدىغان 43 ياشلىق ئايال

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • زۇكامغا پەرۋا قىلمىغان 21 ياشلىق يىگىت ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • مېيىپلىق ئاجىزلىق ئەمەس بەلكى قەيسەرلىكتۇر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • مالايسىيالىق بىر جۈپ ياش ئۆزگىچە توي سۈرىتى چۈشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «توي قىلىشنى كەسپ قىلىۋالغان ئەر» 8 يىلدا 8 قېتىم توي قىلىپ 45 مىليون رۇپىيە پۇلنى ئالداپ كەتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكىلىق ئايال ئەسكەر قاۋۇل مۇسكۇلى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەرلەرنىڭ مائاشى ئاياللاردىن يۇقىرى بولۇش چەكلەنگەن دۆلەت

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • گېرمانىيەلىك 19 ياشلىق قىز 52 ياشلىق يىگىتى بىلەن توي قىلىشقا قەسەم قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 18 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدە ئېسىل پىكاپ سوۋغا قىلىنغان قىز بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015