ئامېرىكىلىق ئايال بالىلىق بولالمىغان كېلىنىگە ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇپ ئوغۇل يەڭگىدى

تەۋە تۈر : خەۋەر > خەلقئارا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-02-10 12:35:48

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، 

دۇنيا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۆجىزىلەر بىلەن تولغان، مەسىلەن، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاركىنزاس ئىشتاتىدىن كەلگەن كودې بىلەن كېيلا ئەر-خوتۇننى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇلار ئەسلىدە بالىلىق بولۇش ئۈمىدىدىن ئاساسەن دېگۈدەك ۋاز كەچكەن، ئەمما 2017-يىلى 12-ئايدا ئۇلارنىڭ ئانىسى ئۆزى ھامىلىدار بولۇپ تۇغۇپ بەرگەن ئوماق بالىسى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان.

كېيلا 17 ياش ۋاقتىدا قىسمەن بالىياتقۇسىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان، 22 ياشقا كىرگەندە كودېغا ياتلىق بولغان. كېيلا ھامىلىدار بولالمىغاچقا، ئەر-خوتۇن ئىزچىل ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولىدىغان ئانا ئىزدىگەن. بۇ جەرياندا كودېنىڭ ئانىسى پادې نۇرغۇن قېتىم چاقچاق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئۇلارغا ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئىزچىل مۇۋاپىق كېلىدىغان ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇپ بېرىدىغان ئانىنى تاپالمىغاچقا، ئەڭ ئاخىرى كودېنىڭ ئۆيدىكىلىرى ئانىسى پادې ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپنى ئەستايىدىل ئويلىنىشقا باشلىغان.

بىر قاتار سىناق ۋە تەتقىقاتلار ئارقىلىق، پادې ئاخىرى ئۆز ئوغلى ئۈچۈن ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. گەرچە بىرىنچى قېتىملىق سىناق مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بەل قويۇۋەتمىگەن، بەلكى داۋاملىق سىناپ بېقىشنى قارار قىلغان. 2017-يىلى 5-ئايدا ھامىلە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كۆچۈرۈلگەن، پادې ئوغلى ۋە كېلىنىنىڭ بالىسىغا ھامىلىدار بولغان.

2017-يىلى 12-ئايدا پادې قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇپ نەۋرىسى كېروس ئەيلىننى تۇغۇپ، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى شادلىققا چۆمگەن. كېلىنى كېيلا: «مەن بۇ شېرىن مۆجىزىدىن ھەيران قالدىم، پادېغا نىسبەتەن بۇ ئاسانغا چۈشمىدى، ئەمما كېروسنىڭ تۇغۇلۇشى بارلىق قىيىنچىلىقلارنى قىممەتكە ئىگە قىلدى.» دېدى.

كېيلا مۇنداق دېدى، مېنىڭ تېخىمۇ كۆپ بالىلىق بولغۇم بار، ئەمما بۇ ئاسان ئەمەس، بىز بالا بېقىۋېلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشتۇق. بەزىلەر نەۋرىسىنى مومىسى تۇغۇپتۇ دەپ ھەيران قېلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى چۈشەندۈرگەندە، چوقۇم بىزنى چۈشىنىدۇ.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • ئەڭ قىممەتلىك سوۋغات: ۋاپات بولغان بوۋايدىن سوۋغات تاپشۇرىۋالغان موماي
  • بىر ئەر ئانىسىنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ھەپتە ئىچىدىلا توي قىلىۋەتتى
  • ھاراق ئىچىپ ئايروپىلان ھەيدىمەكچى بولغان ئۇچقۇچى قولغا ئېلىندى
  • تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئوباما بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلىپ باقمىغان
  • ئاسىيا ئاۋىياتسىيەسى ئايروخانقىزلىرىنىڭ «زىيادە چىرايلىق كىيىمى» ئەيىبلەندى
  • قۇرۇقلۇقنى سۇ بېسىپ كېتىشتىن ئەنسىرىگەن ئەر يەتتە مىليون خەجلەپ لەيلىمە داچا ياسىماقچى
  • دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى
  • نيۇيوركتىكى داڭلىق بايلارنىڭ ئاخىرقى «ئارامگاھى»
  • ئاۋسترالىيەدە توي قىلىش تەننەرخى بەك يۇقىرى بولغانلىقتىن 250 مىڭ ئايال بويتاق يۈرمەكتە
  • زۇكامغا پەرۋا قىلمىغان 21 ياشلىق يىگىت ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالدى
  • ئامېرىكا تاراتقۇلىرى جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ ئون چوڭ شەھىرىدىكى پەرقلەرنى سېلىشتۇردى
  • خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن چېچىنى چۈشۈرۈۋەتكەن قىز مەكتەپتىن ھەيدەلدى
  • ئەنگىلىيەلىك ئايال 28 يىلدا 20 پەرزەنتلىك بولدى
  • ئۇدا 10 بالىلىق بولغان ئاتا-ئانا بالىلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىراقلا ئۆتكۈزىدۇ
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • ئولىمپىكتىن باشلانغان خان جەمەت سۆيگۈ ھېكايىسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ماگنىت شاھىنىڭ قىزى جۇڭگودا قىزغىن ئالقىشلاندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تىرامپنىڭ چېچى قانچىلىك شالاڭ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «دۇنيادىكى ئەڭ ياش تەنناز ئانا» نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گىرادۇستا يوگا مەشىق قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كەيتنىڭ كىيىملىرىنى كىيىلىش قېتىم سانى بويىچە ھېسابلىساق قىممەت ھېسابلانمايدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھىندىستانلىق ۋە ئىسپانىيەلىك ئامراق ئەر-ئايالنىڭ ئۆزگىچە خاتىرە سۈرىتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تال چىۋىقتەك بەل ئۈچۈن بېلىنى كۈندە 23 سائەت سىقىدىغان ئامېرىكىلىق ئايال

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • مېگاننىڭ ياسىنىش ئۇسلۇبى خانىش دىياننانىڭ ياسىنىش ئۇسلۇبىغا ئوخشايدىكەن

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 22 ياشلىق ئىستۇدېنىت قىز بەش بالىسى بار 44 ياشلىق ئەرگە ياتلىق بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015