رۇسىيەنىڭ ۋەقەگە ئۇچرىغان ئايروپىلانىدىكى بىر قىسىم يولۇچىلارنىڭ سۈرىتى

تەۋە تۈر : خەۋەر > خەلقئارا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-02-12 18:32:58

تېڭشۈن تورى 12-فېۋرال خەۋىرى،

شۇ يەر ۋاقتى 11-فېۋرال ساراتوۋ ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ موسكۋادىكى دومودېدوۋو ئايرودرومىدىن ئورسكقا بارىدىغان An-148 نومۇرلۇق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇچۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي موسكۋا شەھەر ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى، ئايروپىلاندىكى 71 ئادەمنىڭ بىرىمۇ ھايات قالمىدى. سۈرەتتە، ۋەقەگە يولۇققان 23 ياشلىق يولۇچى كىرىستىنا مومچىكوۋا. ئۇ ساياھەت قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى، دۇنيانى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىشنى ئۈمىد قىلاتتى.

سۈرەتتە، بەش ياشلىق ئوماق قىز نادىيە كىراسوۋا بىلەن ئۇنىڭ ئانىسى ئوكسانا. نادىيە بۇ قېتىمقى ھادىسىدە قازا قىلغان ئەڭ كىچىك يولۇچى بولۇشى مۇمكىن.

بۇ ئايروخانقىز ئاناستاسىيا سىلاۋېنسكايانىڭ سۈرىتى. ئۇ ئاخىرقى قېتىم موسكۋا ۋاقتى 14:27دە، يەنى ئايروپىلان ئاۋارىيەگە يولۇقۇشتىن يەتتە مىنۇت بۇرۇن تورغا چىققانىدى. خىزمەتداشلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاناستاسىيا بۇ خىزمىتىنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، يېڭى ئۆيگە كۆچكىنىگە ئۇزۇن بولمىغان، بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن ئاناستاسىيا تېخى توي قىلمىغانىدى.

12 ياشلىق ژېنىيا لىۋانوۋ بىلەن بوۋىسى ئېۋگېنىيمۇ مۇشۇ ئايروپىلاندا ئىدى.

ئۇليانا سۇن، بۇ يىل 27 ياش، موسكۋادا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا بىر نەچچە يىل بولغان، بۇ قېتىم يۇرتىغا تۇغقان يوقلىغىلى ماڭغان.

يۇلىنا دىمىترىيونكو، 29 ياش، ھايات ۋاقتىدا موسكۋادىكى بىر ئايرودرومدا خىزمەت قىلاتتى.

ۋېرگاگو تۇرىكۇبايېۋ، 24 ياش، موسكۋادا ئىشلەيدۇ. ئۇ بۇ قېتىم دەم ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپ مومىسى بىلەن بالىسىنى يوقلىغىلى ماڭغانىدى. ئىشداشلىرى ئۇنىڭغا پويىزغا ئولتۇرۇشنى ئېيتقان. بىراق، ئۇ ئۆيىگە قايتىشقا ئالدىراپ ئايروپىلاندا ماڭغانىدى.

ۋىلادىمىر لېمارچۇك، 27 ياش، پاراشوتچى ئەسكەر، ھايات ۋاقتىدا بىر نەچچە قېتىم يۇقىرى بوشلۇقتىن پاراشوتتىن سەكرىگەن.

ئىليا سىتاسىكىي، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ئۇنىڭ 33 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ئىدى.

كىرىسكېتىيا ئالېكسېيېنكو، 25 ياش، كارتون فىلىم ئىشلىگۈچى.

ئېكاتېرىنا ناسىلوۋا، 31 ياش.

ئالېكسى نىكىتېچېنكو، 30 ياش.

دالىيا توماسونا، 22 ياش.

ئىليا، 17 ياش.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • ئەڭ قىممەتلىك سوۋغات: ۋاپات بولغان بوۋايدىن سوۋغات تاپشۇرىۋالغان موماي
  • بىر ئەر ئانىسىنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ھەپتە ئىچىدىلا توي قىلىۋەتتى
  • ھاراق ئىچىپ ئايروپىلان ھەيدىمەكچى بولغان ئۇچقۇچى قولغا ئېلىندى
  • تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئوباما بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلىپ باقمىغان
  • ئاسىيا ئاۋىياتسىيەسى ئايروخانقىزلىرىنىڭ «زىيادە چىرايلىق كىيىمى» ئەيىبلەندى
  • قۇرۇقلۇقنى سۇ بېسىپ كېتىشتىن ئەنسىرىگەن ئەر يەتتە مىليون خەجلەپ لەيلىمە داچا ياسىماقچى
  • دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى
  • نيۇيوركتىكى داڭلىق بايلارنىڭ ئاخىرقى «ئارامگاھى»
  • ئاۋسترالىيەدە توي قىلىش تەننەرخى بەك يۇقىرى بولغانلىقتىن 250 مىڭ ئايال بويتاق يۈرمەكتە
  • زۇكامغا پەرۋا قىلمىغان 21 ياشلىق يىگىت ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالدى
  • ئامېرىكا تاراتقۇلىرى جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ ئون چوڭ شەھىرىدىكى پەرقلەرنى سېلىشتۇردى
  • خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن چېچىنى چۈشۈرۈۋەتكەن قىز مەكتەپتىن ھەيدەلدى
  • ئەنگىلىيەلىك ئايال 28 يىلدا 20 پەرزەنتلىك بولدى
  • ئۇدا 10 بالىلىق بولغان ئاتا-ئانا بالىلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىراقلا ئۆتكۈزىدۇ
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • رۇسىيەنىڭ ۋەقەگە ئۇچرىغان ئايروپىلانىدىكى بىر قىسىم يولۇچىلارنىڭ سۈرىتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 18 يىلدا 15 قېتىم قولداش بولغان قىز ئاخىرى تويىنى قىلىۋالدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇسسۇل قىياپەتلىرى: ئوباما ئۆزگىچە

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئولىمپىكتىن باشلانغان خان جەمەت سۆيگۈ ھېكايىسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ماگنىت شاھىنىڭ قىزى جۇڭگودا قىزغىن ئالقىشلاندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تىرامپنىڭ چېچى قانچىلىك شالاڭ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «دۇنيادىكى ئەڭ ياش تەنناز ئانا» نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گىرادۇستا يوگا مەشىق قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كەيتنىڭ كىيىملىرىنى كىيىلىش قېتىم سانى بويىچە ھېسابلىساق قىممەت ھېسابلانمايدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھىندىستانلىق ۋە ئىسپانىيەلىك ئامراق ئەر-ئايالنىڭ ئۆزگىچە خاتىرە سۈرىتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015