ئىككى مىليارد 500 مىليون يىل ئىلگىرى شەكىللەنگەن «غەلىتە» دولقۇن

تەۋە تۈر : خەۋەر > خەلقئارا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-02-13 17:00:54

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى،:

ئاۋسترالىيەدىكى دولقۇنسىمان تاشنىڭ «دۇنيا بويىچە 8-ئورۇندا تۇرىدىغان ئاجايىپ كۆرۈنۈش» دېگەن نامى بار. بۇ چوڭ تاش شىمالدىكى 100 مېتىرلىق ھايدېن تېشى ھەمدە ئاغزىنى ئېچىپ تۇرغان بېگېموتقا ئوخشايدىغان بېگېموت تېشى، تۆگە تېشى قاتارلىقلارنىڭ تۇتىشىشىدىن شەكىللەنگەن يىمىرىلمەس تاغ جىنسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

سىرتقا چىقىپ تۇرىدىغان بۇ تاشنىڭ شەكلى بۇزۇلۇش ئالدىدا تۇرغان، قېتىپ قالغان چوڭ دولقۇنغا ئوخشايدىغانلىقى ئۈچۈن دولقۇن تېشى دەپ ئاتالغان. بۇ دولقۇن تېشىنىڭ ئېگىزلىكى 15 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 100 مېتىر كېلىدۇ.

ئاۋسترالىيە قۇملۇقىدىكى دولقۇن تېشى ھازىر غەربىي ئاۋسترالىيەنىڭ يەر بەلگىسى بولۇپ قالدى. بۇ تاش ئىككى مىليارد 500 مىليون يىل ئىلگىرى شەكىللەنگەن.

بۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق دولقۇن تېشى تۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان غايەت زور دولقۇنغا ئوخشايدۇ، ھەر يىلى 150 مىڭدىن كۆپرەك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدۇ.

بۇ دولقۇن تېشى قانداق شەكىللەنگەن؟ ئەسلىدە ئاۋسترالىيەنىڭ غەربىدىكى ئېگىزلىكنىڭ ئاستىنقى قىسىمى بىر مىليارد يىل ئىلگىرى شەكىللەنگەن قەدىمىي گىرانىت تاش بولۇپ، ئىگىلىگەن كۆلىمى 550 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.

بۇ گىرانىت تاش يەردىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرغانلىقتىن شامال ۋە قۇياش نۇرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق يىمىرىشى نەتىجىسىدە كېچە-كۈندۈزدىكى تېمپېراتۇرا پەرقى شەكىللەنگەن. بۇ تاشنىڭ سىرتقى قەۋىتىنىڭ كۈندۈزدىكى تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى يۇقىرى. بىراق، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئىچىگە سۈرۈلۈپ بولغىچە كەچ كىرىدۇ.

تاشنىڭ سىرتقى قەۋىتىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىگەندە ئىچكى قىسىمى ئىسسىقلىق تەسىرىدە كېڭىيىپ سىرتقى قەۋىتىنى ئۇپرىتىدۇ. بۇنىڭغا شامال قوشۇلۇپ مۇشۇنداق دولقۇنسىمان تاش شەكىللەندۈرىدۇ.

دولقۇنسىمان تاشنىڭ يۈزىدىكى خىمىيەلىك ماددىلار كوكس ۋە ھىدروگېن تەركىبلىك يامغۇرنىڭ يۇيۇشى نەتىجىسىدە چىقىپ كېتىدۇ ھەم خىمىيەلىك رېئاكسىيە تەسىرىدە قارا، كۈلرەڭ، قىزىل، جىگەر رەڭ، مەللەرەڭ سىزىق ھاسىل قىلىدۇ.

بۇ سىزىقلار تاشنى تېخىمۇ راستتەك كۆرسىتىدۇ. 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • ئەڭ قىممەتلىك سوۋغات: ۋاپات بولغان بوۋايدىن سوۋغات تاپشۇرىۋالغان موماي
  • بىر ئەر ئانىسىنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ھەپتە ئىچىدىلا توي قىلىۋەتتى
  • ھاراق ئىچىپ ئايروپىلان ھەيدىمەكچى بولغان ئۇچقۇچى قولغا ئېلىندى
  • تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئوباما بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلىپ باقمىغان
  • ئاسىيا ئاۋىياتسىيەسى ئايروخانقىزلىرىنىڭ «زىيادە چىرايلىق كىيىمى» ئەيىبلەندى
  • قۇرۇقلۇقنى سۇ بېسىپ كېتىشتىن ئەنسىرىگەن ئەر يەتتە مىليون خەجلەپ لەيلىمە داچا ياسىماقچى
  • دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى
  • نيۇيوركتىكى داڭلىق بايلارنىڭ ئاخىرقى «ئارامگاھى»
  • ئاۋسترالىيەدە توي قىلىش تەننەرخى بەك يۇقىرى بولغانلىقتىن 250 مىڭ ئايال بويتاق يۈرمەكتە
  • زۇكامغا پەرۋا قىلمىغان 21 ياشلىق يىگىت ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالدى
  • ئامېرىكا تاراتقۇلىرى جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ ئون چوڭ شەھىرىدىكى پەرقلەرنى سېلىشتۇردى
  • خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن چېچىنى چۈشۈرۈۋەتكەن قىز مەكتەپتىن ھەيدەلدى
  • ئەنگىلىيەلىك ئايال 28 يىلدا 20 پەرزەنتلىك بولدى
  • ئۇدا 10 بالىلىق بولغان ئاتا-ئانا بالىلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىراقلا ئۆتكۈزىدۇ
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

  • «مەلىكە خۇەنجۇ»دىكى چېنىپ قالغان كۆرۈنۈشلەرنى بايقىدىڭىزمۇ؟

    ئاۋات خەۋەرلەر
  • دىلرابا قاتارلىق چولپانلارنىڭ كەسپى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرى

    ئاۋات خەۋەرلەر
  • سالمان خان كەترىنا كەيىفنىڭ سىڭلىسى ئىسابېللې كەيىفنى بىر قوللۇق يېتەكلىمەكچى بولدى

    ئاۋات خەۋەرلەر
  • بۇ مەغلۇپ ئارتىس شاھرۇھ خاننىڭ چولپان بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان

    ئاۋات خەۋەرلەر
  • دىلرابا باش رول ئالغان قەدىمكى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىرى

    ئاۋات خەۋەرلەر
  • كىلاسسىك تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مەلىكە خۇەنجۇ» ھەققىدە يېڭى پاراڭلار

    ئاۋات خەۋەرلەر
  • رانى ئۈچ خان توغرۇلۇق پىكرىنى بايان قىلدى

    ئاۋات خەۋەرلەر
  • قايسى بوللىۋود ئايال چولپىنى بەكرەك كىيىم ياراشتۇرۇپ كىيەلەيدۇ؟

    ئاۋات خەۋەرلەر
  • يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەتلەر دىلرابانىڭ تېرىسىنى ئاشكارىلاپ قويدى

    ئاۋات خەۋەرلەر
  • خەن گېڭ «جەڭ بۆرىسى 2» ئايال باش پېرسوناژى بىلەن مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

    ئاۋات خەۋەرلەر
  • مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • رۇسىيەنىڭ ۋەقەگە ئۇچرىغان ئايروپىلانىدىكى بىر قىسىم يولۇچىلارنىڭ سۈرىتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 18 يىلدا 15 قېتىم قولداش بولغان قىز ئاخىرى تويىنى قىلىۋالدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇسسۇل قىياپەتلىرى: ئوباما ئۆزگىچە

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئولىمپىكتىن باشلانغان خان جەمەت سۆيگۈ ھېكايىسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ماگنىت شاھىنىڭ قىزى جۇڭگودا قىزغىن ئالقىشلاندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تىرامپنىڭ چېچى قانچىلىك شالاڭ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «دۇنيادىكى ئەڭ ياش تەنناز ئانا» نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گىرادۇستا يوگا مەشىق قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كەيتنىڭ كىيىملىرىنى كىيىلىش قېتىم سانى بويىچە ھېسابلىساق قىممەت ھېسابلانمايدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھىندىستانلىق ۋە ئىسپانىيەلىك ئامراق ئەر-ئايالنىڭ ئۆزگىچە خاتىرە سۈرىتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015