«ئۈچ خوتۇن تۆت توقال»لىق ئاۋسترالىيە تاماكا ماگناتىنىنڭ سىز بىلمەيدىغان تەرىپى

تەۋە تۈر : خەۋەر > خەلقئارا >       مەنبە : nur tori      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-04-16 14:01:14

تېڭشۈن تورى خەۋىرى،:

ئاۋسترالىيەنىڭ تاماكا ماگناتى تىراۋېرىس بېينوننىڭ «ئاۋسترالىيەنىڭ ئۈجمە كۆڭۈل بايۋەتچىسى»، «ئالاقە تورى شاھى» دېگەندەك نامى بار. ئۇ دائىم دېگۈدەك ئالاقە تورىغا ئۆزىنىڭ غايەت زور ئارقا ئوردا سۈرەتلىرىنى يوللاپ تۇرىدۇ. سۈرەتتىكى ئۇ بىر بولسا، ئالتۇن ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسىدا ئوڭ-سول تەرىپىدىكى ساھىبجاماللارنىڭ ئوتتۇرىسدا ئولتۇرسا، بىر بولسا، سەيلە كېمىسىنى ھەيدەپ، بىر توپ ياش ساھىبجاماللار بىلەن سەيلە قىلىدۇ؛ بۇنىڭغا ئوخشاش ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ئۇسۇلى سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرسە كېرەك، شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭمۇ 200 مىڭدىن ئارتۇق مەستانىسى بار. بىراق ئۇنىڭ ئالاقە تورىنى ئىنچىكلىك بىلەن كۆرىدىغان بولسىڭىز، بۇ ئۈجمە كۆڭۈل بايۋەتچىنىڭ ئەمەلىيەتتە پەرزەنت سۆيەر دادا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز.

تىراۋېرىس بيېنون بۇيىل 46 ياشقا كىردى، ئىلگرى زەيتۇن توپ كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى بولغان ئۇ كېيىن دادىسىنىڭ تاماكا شىركىتىگە ۋارسلىق قىلىپ، غايەت زور بايلىققا ئىگە بولۇپ، تۆت بالىلىق بولدى. ئۇنىڭ سابىق ئايالى نىنبېس لېئال دۇنيا خانقىزى بولۇپ، ئىككەيلەننىڭ بىر قىز، بىر ئوغلى بار. 2008-يىلى ئۇلار ئاجراشقاندىن كېيىن، ئۇ يەنە چىرايلىق ياش مودېل تائېشا بېينونغا ئۆيلىنىپ، ئىككى قىز پەرزەنتلىك بولدى.

ئۇنىڭ بىلەن ھازىرقى ئايالىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئالاھىدىلىكى بولسا، ئوچۇق تىپتىكى نىكاھ تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ ۋە ئايالى ھەمدە ئىككى قىز دوستى بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولۇپ، مۇقىم بولمىغان قىز دوستىنىڭ سانى ھەددى-ھېسابسىز. سۈرەتتە، تىراۋېرىس بېينوننىڭ ئۈچ مۇقىم ھەمراھى: 27 ياشلىق ئايالى تائېشا، 22 ياشلىق قىز دوستى نىشا ۋە 21 ياشلىق كىرىستال.

نۆۋەتتە ئۇنىڭ ساپ مۈلۈكى تەخمىنەن 39000 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 340 مىليون يۈەنگە باراۋەر) ئەتراپىدا، ئاۋسترالىيەنىڭ ئالتۇن دېڭىز قىرغىقىدا نەچچە مىليونلۇق ئالاھىدە ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسى بار. يەنە كېلىپ ئۇ دائىم ئون نەچچە ساھىبجامالنى تەكلىپ قىلىپ، بۇ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇدىكى ئالتۇن ھەل بېرىلگەن سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى يېنىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ.

بىراق دۇنيادىكىلەرنىڭ نەزىرىدىكى «شاللاق بايۋەتچە»نىڭ ئەمەلىيەتتە كىشىلەر بىلمەيدىغان يەنە بىر تەرىپى بار. ئۇ بىر كۆيۈمچان دادا.

ئۇنىڭ ئالاقە تورىدا كۆ قىسىم مەزمۇنلار ئاساسەن دېگۈدەك بالىلىرىنىڭ سۈرىتىنى ئاشكارىلاش، ئىككى يېشى كىچىك قىزىنىڭ كۆرۈنۈش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى.

بۇنىڭ ئارىسىدىكى بىر ۋېدىيودا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ھەشەمەتلىك سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە سەۋرچانلىق بىلەن بالىلىرىغا سۇ ئۈزۈشنى ئۆگەتكەن. گەرچە بۇ كۆلچەكتە ئۇ دائىم دېگۈدەك يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ تۇرسىمۇ، بىراق بۇ جاي ئۆز نۆۋىتىدە ئۇنىڭ بالىلىرى بىلەن پائالىيەت قىلىدىغان كۆڭۈللۈك سورۇنى.

بۇ سۈرەتلەردە دائىم دېگۈدەك قىزىنىڭ دادىسىغا ئەركىلەپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. قارىغاندا، دادا-قىزنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ئىناق ئوخشايدۇ.

قاۋۋۇل، بەستلىك ئۇ ھەتتا چېنىقىۋاتقاندىمۇ بالىلىرى بىلەن ئويناشنى ياقتۇرىدۇ. مەسىلەن، ئۇ بۇ ئىككى بالىسىنى كۆتۈرۈپ مەشىق قىلماقتا.

يەنە كېلىپ، ئۇنىڭ سابىق ئايالىدىن بولغان بالىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ئىنتايىن ياخشى. نۆۋەتتە، بۇ تۆت بالا دادىسى بىلەن ھەشەمەتلىك ئالتۇن تۇرالغۇدا تۇرىۋاتىدۇ. بۇ يىل 17 ياشقا كىرگەن چوڭ قىزى لۇسسىيان بېينون ئىلگىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، دادىسىنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ئۇسۇلى ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە بولغان ئىنتىلىش كۈچىنى ئاشۇرغان. ئۇنىڭ «ۋىكتورىيەنىڭ مەخپىيىتى»دىكى دەرىجىدىن تاشقىرى مودېل بولغۇسى بار.

ئۇنىڭ 19 ياشلىق چوڭ ئوغلى ۋالېنتىنو بىلەن دادىسى بۇرادەرلەردەكلا بولۇپ، نۆۋەتتە، ۋالېنتىنو بىلەن قىز دوستى دادىسىنىڭ «ئۈچ خوتۇن، تۆت توقال» بىللە ياشايدىغان ئالتۇن ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسىدا تۇرىدۇ. ۋالېنتىنونىڭ دېيشىىچە، ئۇ ھەممىلا گېپىنى دادىسىغا دەيدىغان بولۇپ، 18 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدە، ئۇ دادىسى بىلەن قاۋاقخانىدا سەھەر سائەت بەشكىچە ئۇسسۇل ئوينىغان.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • تۆت يىلدا 20 تويغا قاتناشقان قىز قەرزگە بوغۇلۇپ كەتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «ئۈچ خوتۇن تۆت توقال»لىق ئاۋسترالىيە تاماكا ماگناتىنىنڭ سىز بىلمەيدىغان تەرىپى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • مىليونېر ئەر ياشلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن پۇلدا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى تىزىپ چىقتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 16 بالىسى بار 44 ياشلىق ئانا يەنە بالىلىق بولۇشتىن ۋاز كەچمىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى ھەر قايسى جايلىرىدىكى يىغىپ ساقلاش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىشتىياقى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئىسپانىيە خان جەمەتىدىكىلەر خۇشال ھالدا پاسخا بايرىمىنى ئۆتكۈزدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئارغۇن ساھىبجامال ئادەم بېدىكى سەتچىلىكىگە چېتىلىپ قالدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 47 ياشلىق يالغۇز ئانا «باربى مەلىكە»گە ئوخشاش ئۈچۈن 17 يىل ھۆسن تۈزەتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بالا تۇغۇشقا خۇمار ئايال 16 ياشتىن باشلاپ ھازىرغىچە 12 بالا تۇغدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015