تۆت يىلدا 20 تويغا قاتناشقان قىز قەرزگە بوغۇلۇپ كەتتى

تەۋە تۈر : خەۋەر > خەلقئارا >       مەنبە : nur tori      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-04-17 17:58:00

شىنخۇا تورى خەۋىرى،:

توي ھەمىشە كىشىلەرنى ئىنتايىن گۈزەل ھېس-تۇيغۇغا باشلايدۇ. بىراق ئەنگلىيەلىك ئايال جېئورجىنا چىلدىس «توي» دېگەن گەپنى ئاڭلىسلا، يۈرىكى «جىغغىدە» قىلىدىغان بولۇپ قالدى. يېقىنقى تۆت يىلدا ئۇ 20 مەيدان توي مۇراسىمىغا قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭغا كېتىدىغان خىراجەتمۇ خېلىلا يۇقىرى بولغاچقا، قەرزگە بوغۇلۇپ، ئامالسىزلىقتىن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ بېرىپ چوڭلارنىڭ سايىسىدە ياشاشقا مەجبۇر بولدى.

چىلدىس بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئېسېك ۋىلايىتىنىڭ ۋۇدفوردتا تۇرۇپ، ئاممىۋى مۇناسىۋەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ يېقىندا ئەنگلىيەنىڭ «قۇياش گېزىتى»نىڭ مۇخبىرىغا 2014-يىلدىكى ياز پەسلىدىن باشلاپ، 20 مەيدان توي مۇراسىمى، 12 مەيدان بويتاق ئاياللار يىغىلىشىغا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ھەربىر مەيدان توي مۇراسىمىغا قاتناش، ياتاق، سوۋغات، جابدۇنۇش قاتارلىق ئىشلارغىلا 270 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 2419 يۈەن» چىقىم قىلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. (بۇنىڭدا تېخى بويتاقلار يىغىلىشىدىكى خىراجەت قوشۇلمىدى) مۇشۇ بويىچە ھېسابلىساق، بارلىق توي مۇراسىمىغا جەمئىي 9250 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 82 مىڭ 900 يۈەنگە باراۋەر) چىقىم قىلىنىدۇ. چىلدىس يەنە تېخى يەتتە قېتىم قىز قولداش بولغان، دېمەك، بۇ يەنە چىقىمنىڭ جىقىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

«مەن ئىلگىرى توي مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم، ھەممە يېپيېڭى، كىشىنى ھاياجانغا سالاتتى، گەرچە كۆپ چىقىم قىلساممۇ، بىراق ئالدىنئالا ھېسابلاپ قوياتتىم»، دېدى چىلدىس. «بىراق 2004-يىلىدىن باشلاپ، بۇ تويلار ئارقا-ئارقىدىن بولىۋېرىپ، پۇل سۇدەك خەجلىنىشكە باشلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئازابلىنىشقا باشلىدىم».

2016-يىلىدىن باشلاپ، چىلدىس ئىناۋەت كارتىسىنى سۈركەش ئارقىلىق توي مۇراسىمىدىكى يېمەك-ئىچمەك، ياتاق خىراجىتىنى تۆلىگەن بولۇپ، كېيىن پۇلنى تېجەش ئۈچۈن ياتاق ۋە كىيىم-كېچەكنى ئىجارىگە ئالغان، بىراق قەرز يەنە داۋاملىق كۆپىيىپ، بۈگۈنكى كۈندە 2000 فوندستېرلىڭغا (تەخمىنەن 18 مىڭ يۈەنگە باراۋەر) يېتىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ بېرىشقا مەجبۇر بولغان.

ئەنگلىيەدىكى بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتە كۆرستىلىشىچە، ئەنگلىيەدىكى يېرىمدىن كۆپرەك قۇرامىغا يەتكەنلەر كەم دېگەندىمۇ بىر مەيدان توي مۇراسىمىغا قاتنشىدىكەن. بىر قېتىملىق توي مۇراسىمىغا ھەربىر مېمھان ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 266 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 2383 يۈەنگە باراۋەر) چىقىم قىلىدىغان بولۇپ، بەشتىن تۆت قىسىم تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغۇچىلار بويتاقلار يىغىلىشىنىڭ ئۇلارنى خاتىرجەمسىزلەندۈرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى %28 بويتاقنىڭ يىغىلىشقا كېتىدىغان چىقىمى ھەتتا ئارام ئالىدىغاندىكى چىقىمىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.

ئەسكەرتىش: سۈرەتلەر تور دۇنياسىدىن ئېلىندى، خەۋەر مەزمۇنى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • تۆت يىلدا 20 تويغا قاتناشقان قىز قەرزگە بوغۇلۇپ كەتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «ئۈچ خوتۇن تۆت توقال»لىق ئاۋسترالىيە تاماكا ماگناتىنىنڭ سىز بىلمەيدىغان تەرىپى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • مىليونېر ئەر ياشلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن پۇلدا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى تىزىپ چىقتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 16 بالىسى بار 44 ياشلىق ئانا يەنە بالىلىق بولۇشتىن ۋاز كەچمىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى ھەر قايسى جايلىرىدىكى يىغىپ ساقلاش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىشتىياقى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئىسپانىيە خان جەمەتىدىكىلەر خۇشال ھالدا پاسخا بايرىمىنى ئۆتكۈزدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئارغۇن ساھىبجامال ئادەم بېدىكى سەتچىلىكىگە چېتىلىپ قالدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 47 ياشلىق يالغۇز ئانا «باربى مەلىكە»گە ئوخشاش ئۈچۈن 17 يىل ھۆسن تۈزەتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بالا تۇغۇشقا خۇمار ئايال 16 ياشتىن باشلاپ ھازىرغىچە 12 بالا تۇغدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015